ئابدۇلغەنى ئابدۇسسالامنىڭ تەرجىمىھالى
(ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى)
ئابدۇسسالام ئابدۇلغەنى: 1973 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتىكى «خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى»دا باكلاۋۇرلۇق ۋە ئاسپرانتلىقنى تۈگەتكەن. ئانا تىلى ئۇيغۇرچىدىن سىرت، ئۆزبەكچە، ئوردۇچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچىنى پىششىق بىلىدۇ. ئابدۇسسالام ئابدۇلغەنى ھازىر ئاۋسترالىيە گراژدانى بولۇپ، 2000 ـ يىلىدىن بېرى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام ئېنستىتۇتىدا قۇرئان كەرىم، ئەرەب تىلى، ئىسلامىي ئىلىملەر ۋە دىنلار سېلىشتۇرما تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىماملىق قىلغاندىن سىرت، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىدە رەئىس ۋەكىلى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
ئەھمەد ئەمىن داغ (تاغ)
(İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسى رەھبەرلىك ھەيئىتى ئەزاسى ۋە ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى)
ئەھمەد ئەمىن داغ (تاغ): 1970 ـ يىلى تۇغۇلغان. مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقنىمۇ شۇ مەكتەپنىڭ سىياسىي تارىخ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتى ئوتتۇرا شەرق ۋە سۈرىيە بۆلۈمىدە ئوقۇغان. ئەھمەد ئەمىن داغ (تاغ)نىڭ ئوتتۇرا شەرق توغرۇلۇق ئىلمىي تەتقىقاتلىرى، تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلىرىدىن سىرت، «سۈرىيە، شام شەھىرىنىڭ قايغۇلۇق ھېكايىسى» ناملىق كىتابى بار. ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچىنى پىششىق بىلىدىغان ئەھمەد ئەمىن داغ (تاغ) «يەھۇدىي دىنى»، «يەھۇدىي تارىخى» (ئىسرائىل شاخاك)، «ئىسرائىل ۋە يەھۇدىي رادىكالىزمى» (ئىسرائىل شاخاك ۋە نورتون مېزۋىنسكىي)، «ئامېرىكا ۋە سىياسىي ئىسلام» (فاۋاز گېرگېس) قاتارلىق كىتابلارنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. ئەھمەد ئەمىن داغ (تاغ) ئىسلام جۇغراپىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بارماقتا ۋە İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسىدە رەھبەرلىك ھەيئىتى ئەزاسى سۈپىتىدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەھمەد ئەمىن داغ (تاغ)نىڭ ئىككى پەرزەنتى بار.
ئەھمەد فارۇق ئۈنسال
ئەھمەد فارۇق ئۈنسال: 1963 ـ يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىيارباكىر ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. 1985 ـ يىلى ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ساكاريا ئېنژىنېرلىق فاكۇلتېتىنىڭ ماشىنا ئېنژىنېرلىقى سىنىپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورگان ـ جەمئىيەتلەردىمۇ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىنسانلار ھەقلىرى تېمىسىدىكى ئىلمىي ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ھەرخىل گېزىت ۋە ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. 2002 ـ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئادىيامان خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش كومىسسىيونىدا باياناتچى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسى ئۆتىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO ) پارلامېنتىدا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن خىزمەت قىلغان. İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسىدە رەھبەرلىك كومىتېتى ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر مەزلۇملار جەمئىيىتىنىڭ باش رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئۇندىن باشقا، دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا ھەم ئىنسانىي ياردەم ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا.
پروففېسسور دوكتور ئالائىددىن يالچىنكايانىڭ تەرجىمىھالى
(ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى)
پروففېسسور دوكتور ئالائىددىن يالچىنكايا 1961 ـ يىلى تۇغۇلغان. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋىي رەھبەرلىك فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. يەنە شۇ مەكتەپتە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۈپ: «پانئىسلامىزم ـ مۇستەملىكە كۆلەڭگىسىدە تۈركىستان، 1856 ـ 1922» دېگەن تېمىدىكى دېسىرتاتسىيە ماقالىسىنى ياقلىغان. ئۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1987 ـ 1996 ـ يىللىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مېنىستىرلىقى دۆلەت ئارخىپى باش مۇدىرلىقىدا ئارخىپ مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىدا مۇئاۋىن دوتسېنت ۋە دوتسېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەندىن كېيىن، 2007 ـ يىلدىن بېرى يەنە شۇ مەكتەپتە پروفېسسور ۋە فاكۇلتېت مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. تاشقى سىياسەت، رايونلۇق تاشقى سىياسەت، خەلقئارالىق قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت قاتارلىق پەنلەردە ئىختىساسلاشقان بولۇپ، بۇ پەنلەردىن دەرس ئۆتمەكتە. ئالائىددىن يالچىنكايانىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ۋە باشقا ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئوندىن ئارتۇق كىتابى نەشر قىلىنغاندىن سىرت، ھەرخىل ئىلمىي ژورناللاردا ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇنلىغان ئىلمىي يىغىنلاردا لېكسىيە سۆزلىگەن.
در. ئاتائۇللاھ شاھيار
ئاتائۇللاھ شاھيار: 1966 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شا(ھ)يار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ تەھسىلىنى شەرقىي تۈركىستاندا تۈگەتكەن. 1995 ـ يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ۋە 1998 ـ يىلى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ ھەدىسشۇناسلىق كەسپىدىن ئاسپرانلىقنى؛ 2002 ـ يىلى يەنە شۇ كەسپتىن دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن. ئاتائۇللاھ شاھيارنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار.
ئادۋۇكات جىھات گۆكدەمىر
(مەزلۇملار جەمئىيىتى)
جىھات گۆكدەمىر: ئاداپازىرىدا توغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى شۇ يەردە پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 1999 ـ يىلى ئىستانبۇلدا ئىختىيارىي ئادۋۇكاتلىق خىزمىتىنى باشلىغان گۆكدەمىر ھەم دۆلەت ئىچى ھەم خەلقئارالىق مەشھۇر شىركەت ۋە ئورگانلارنىڭ قانۇنىي مەسلىھەتچىلىكىنى ۋە ئادۋۇكاتلىقىنى قىلىپ كەلمەكتە. خېلى كۆپ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ئەزا بولغان ۋە بىر قىسمىدا ئىدارىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان جىھات گۆكدەمىر ھازىر مەزلۇملار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
درۇ گلەدنېي
درۇ. س. گلەدنېي: ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى پونوما تېخنىكا مەكتىپى تېنچ ئوكيان ئاخبارات ئېنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى. دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبرىج خانلار تېخنىكا مەكتىپى، پرىنستون ئالىي مائارىپ ئېنستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. گلەدنېي CNN ۋە باشقا ھەرخىل ئاخبارات قاناللىرىدا خەۋەر ئوبزورچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتماقتا. گلەدنېينىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت پارچە كىتابى، نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىسى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەييارلىغان كىتابلىرى بار. گلەدنېينىڭ ئەڭ يېڭى كىتابى: «ئەبجەش خىتاي» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خىتايچە، ياپۇنچە، رۇسچە، ئەرەبچە، تۈركچە ۋە نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان. سوروس فوندى جەمئىيىتى، فورد فوندى جەمئىيىتى، دۇنيا بانكىسى، گېتتىي مۇزېيخانىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، دۆلەت ئىلىم ـ پەن ئاكادېمىيىسى، ياۋرۇپا توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى، ب د ت پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئالىي كومىتېتى ۋە ب د ت مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىدا مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
ئەكرەم ھىجازىي
خىزمەت كىنىشكىسى
ئىسمى: در. ئەكرەم ھىجازىي
دۆلەت تەۋەلىكى: ئىئوردانىيە، ئەسلى يۇرتى پەلەستىن
تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ئورنى: 1961 ـ يىل، ئىئوردانىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىربەد شەھىرى
نىكاھلىنىش ئەھۋالى: ئۆيلەنگەن، ئىككى ئوغلى ۋە ئۈچ قىزى بار
خىزمىتى: يازغۇچى، سابىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى
ئىلمىي ئۇنۋانلىرى:
1985 ـ يىلىدىن 1999 ـ يىلىغىچە تۇنۇس بىرىنچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، تۆۋەندىكى ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن:
1989 ـ يىلى ژورنالىست ۋە ئاخباراتچىلىق كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق
1992 ـ يىلى ئىسلام ئىجتىمائىي پەن ئالىي دېپلومى ۋە جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى ئالىي دېپلومى
1999 ـ ئىجتىمائىي پەندە ئاسپىرانتلىق
1999 ئىجتىمائىي پەندە دوكتۇرلۇق
خىزمەت تەجرىبىلىرى:
يەمەن تەئز ئۇنىۋېرسىتېتى، گۈزەل سەنئەت فاكۇلتېتى، ئىجتىمائى پەن ئوقۇتقۇچىسى (2000 ــ 2005).
تەئز ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇتۇش ۋە ئاكادېمىيە خىزمىتىدە تەجرىبە ۋە ئىلغارلىق دېپلومىغا ئېرىشكەن.
يازغۇچى ۋە ئاخبارات تەتقىقاتچىسى.
ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى ۋە تەتقىقاتلىرىنى كۆزىتىش تور بېتىنىڭ مۇدىرى (www.almoraqeb.net ).
دالا لاگېرى ئەترىتىنى تەشكىللەش ۋە ئىدارە قىلىش ساھەسىدە مۇتەخەسسىس.
ئىلمىي تەجرىبىلىرى:
ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەر تەتقىقاتچىسى ۋە تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىس. ھازىر ئىسلام دۇنياسىدىكى سەلەفىي جىھاد ھەرىكىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارماقتا. بۇ مەۋزۇدا ئونلارچە ئىلمىي ماقالە ۋە تەتقىقات دوكلاتى يازغان.
ژورنالىست، ئاخبارات، تەھرىرلىك خىزمەتلىرىدە ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا مۇتەخەسسىس.
2005 ـ يىلىدىن ئېتىبارەن، ئىلمىي تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى مەسىلىلىرىدە تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا.
جەمئىيەت، سىياسەت ۋە قانۇن ساھەلىرىدە ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇنىۋېرسىتېت ژورناللىرى، تەتقىقات مەركەزلىرى ژورناللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ژورناللىرى ۋە گېزىتلاردا نەشىر قىلىنغان.
دوتسېنت، در، ئەركىن ئەكرەم
(ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى)
ئەركىن ئەكرەم: 1964 ـ يىلى خىتاينىڭ گەنسۇ ۋىلايىتى لەنجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1986 ـ يىلى تىببىي فاكۇلتېتنى پۈتتۈرۈپ، 1991 ـ يىلىغىچە بىر دوختۇرخانىنىڭ ئورتۇپېدىكا (ھۆسن تۈزەش خىرۇرگىيىسى) بۆلۈمىدە دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن. 1995 ـ يىلى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ماگستىرلىقىنى؛ 2003 ـ يىلى دوكتورلۇقىنى پۈتتۈرگەن. 2006 ـ 2007 ـ يىللىرى ئارىسىدا تەيۋەننىڭ چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ئېنىستىتۇتىدا مۇئاۋىن دوتسېنت بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋە 2008 ـ يىلى دوتسېنلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئەركىن ئەكرەم 1999 ـ يىلىدىن بېرى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا. ئۇ تارىخ تەتقىقاتىدىن سىرت خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىمۇ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
در. ئەركىن ئەمەت
(ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى)
ئەركىن ئەمەت: 1962 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە ئوقۇغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1992 ـ يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە باشلىغان. شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئېنىستىتۇتى تۈرك تىل ۋە ئەدەبىياتىدا ئوقۇپ، «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» دېگەن دېسىرتاتسىيە ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىقنى؛ ئارقىدىن: «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى» ناملىق دېسىرتاتسىيە ماقالىسى بىلەن دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن. ئەركىن ئەمەت دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ئىلمىي يىغىلىشلاردا لېكسىيە سۆزلىگەندىن سىرت، ھەرخىل ژانىرلاردا بىر نەچچە پارچە كىتاب نەشر قىلدۇرغان. ئەركىن ئەمەت، 1994 ـ يىلىدىن بۇيان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى بولۇپ ياشىماقتا.
گۈلدەن سۆنمەز
(ئادۋۇكات)
گۈلدەن سۆنمەز: 1969 ـ يىلى سىۋاس ۋىلايىتىگە قاراشلىق چەتىنكايا بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇپ، 1985 ـ يىلى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1989 ـ 1995 ـ يىللار ئارىسىدا خۇسۇسىي كەسىپلەرنىڭ مۇلازىمەت ساھەلىرىدە خىزمەت قىلغان ۋە ھەر خىل شىركەتلەردە مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. يەنە شۇ يىللىرى ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش جەمئىيىتى (مەزلۇملار جەمئىيىتى) ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ھەرخىل بۆلۈملىرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1999 ـ يىلى ئادۋۇكاتلىقنى تاشلاپ، 2004 ـ يىلىغىچە جەمئىيەت رەھبەرلىك ھەيئىتىدە خىزمەت ئىشلىدى. گۈلدەن سۆنمەز 2004 ـ يىلىدىن ئېتىبارەن İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن پائالىيەتكە قاتناشقان گۈلدەن سۆنمەز، مۇشۇ ساھەدە كىتاب ۋە ماقالىلار ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ھەر خىل جەمئىيەت ـ تەشكىلاتلارغا قانۇنىي جەھەتتىن ياردەم قولىنى سۇندى. گۈلدەن سۆنمەز ھازىرمۇ مەزلۇملار جەمئىيىتىدە مۇئاۋىن باشلىق، İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسى رەھبەرلىك ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
فەھمى ھۇۋەيدى
(ژورنالىست، يازغۇچى)
فەھمى ھۇۋەيدى: 1937 ـ يىلى مىسىرنىڭ گىزە دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1961 ـ يىلى قاھىدە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. سىياسىي ئىدىيە، زامانىۋىي ئىسلام، ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسى مەسىلىلىرىدە ئىختىساسلاشقان. «ئاڭنىڭ ساختىپەزلىكى»، «مىسىر چىقىش يولى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ»، «قۇرئان ۋە نوپۇز»، «ئىرانغا ئىچىدىن (نەزەر)»، «تالىبان: خاتا جەڭدىكى ئاللاھنىڭ ئەسكىرى»، «چالا دىندارلىق»، «خىتايدا ئىسلام» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن سىرت، ھەرخىل تېمىلاردا يېزىلغان 20 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى بار. فەھمى ھۇۋەيدى يەنە سەككىز ئەرەب دۆلىتىدىكى گېزىتلەردە ھەپتىلىك ماقالە يازماقتا. ئۇندىن باشقا: «سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىسلام»، «غەربىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلار»، «بوسىنىيەدىكى تىركىشىش»، «ئىسلامنىڭ يەھۇدىيلىرى» قاتارلىق تەتقىقات ئەسەرلىرى بار. فەھمى ھۇۋەيدى “ئەرەب مىللىي كېڭەش يىغىنى باش سېكرىتارلىقى ئەزاسى” (بېيرۇت)، “ئىسلام مىللىي كېڭەش يىغىنى ئەزاسى” (بېيرۇت)، مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى مۇتەۋەللىي ھەيئەت ئەزاسى” (قاتار)، “زامانىمىز مۇسۇلمانلىرى رەھبەرلىك ھەيئىتى ئەزاسى” (قاھىرە) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە. فەھمى ھۇۋەيدى 1985 ـ يىلىدىن ھازىرغىچە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت، ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپ «ئەل ئېھرام گېزىتى»دە ژورنالىست (مىسىر)، «ئەل ئەرەبىي ژورنىلى»دا باش تەھرىر (كۇۋەيت)، «ئەرەبىييە ژورنىلى»دا مۇئاۋىن باش تەھرىر (ئامېرىكا) بولۇپ ئىشلىگەن. 2008 ـ يىلى «ئەل ئېھرام گېزىتى»دىن «ئەش شۇرۇق گېزىتى»گە يۆتكەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە شۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتماقتا.
ئىززۇددىن ئەھمەد ئەل ۋەردانى فەرەج
ئىززۇددىن ئەھمەد ئەل ۋەردانى فەرەج: 1985 ـ يىلى زەقازىق ئۇنىۋېرسىتېتى پسىخولوگىيە بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن. 1989 ـ يىلى ئىسلام تەتقىقات ئېنىستىتۇتىنىڭ دېپلومىنى، 1998 ـ يىلى ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ دېپلومىنى ئالغان. 2002 ـ يىلى ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقات بۆلۈمىدە ئوقۇپ، «1760 ــ 1949 يىللىرى ئارىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى» ماۋزۇلۇق دېسىرتاتسىيە ماقالىسى بىلەن ئاسپىرانتلىقنى، 2007 ـ يىلى يەنە شۇ بۆلۈمنى پۈتتۈرۈپ: «خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان (1949 ــ 2002 ـ يىللار)» ماۋزۇلۇق دېسىرتاتسىيە ماقالىسى بىلەن پەلىسەپە دوكتورلۇقىنى ئالغان.
ماجىدە سەلاھ مەخلۇف
ماجىدە سەلاھ ماخلۇف: 1953 ـ يىلى مىسىردا تۇغۇلغان. دەسلەپ ئاكادېمىيىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە تۈرك تىلىنى ئۆگەنگەن، ئاندىن يېقىنقى زامان تۈرك تارىخىدا ئىختىساسلاشقان.
1973 ـ يىلى ئەين شەمس ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ۋە شەرق تىللىرى قىسمىدا تەتقىقات خىزمىتىگە ئورۇنلاشقان، 1978 ـ يىلى ئاتسېنىت ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەيىنلەنگەن، 1983 ـ يىلى رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 2001 ـ يىلى ئەين شەمس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۇ فاكۇلتېتىدىن پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 2006 ـ يىلىدىن بۇيان ئەين شەمس ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدىبىيات ـ سەنئەت فاكۇلتېتى شەرق تىللىرى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.
ماجىدە سەلاھ مەخلۇفنىڭ 20 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسىرى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 1991 ـ يىلى نەشىر قىلىنغان: «ئەرەب گۈزەل سەنئىتىنىڭ تۈرك ئەدىبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى»؛ 1997 ـ يىلى نەشىر قىلىنغان: «ئوسمانىيلار سارىيىدىكى ھەرەم»؛ 2006 ـ يىلى نەشىر قىلىنغان «ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ مىسىر، سۇدان ۋە ھەبەشىستانغا قىلغان ساياھىتى»؛ (نەجىپ پازىلنىڭ) «قارا رومال»؛ (ئەھمەد جەۋدەت پاشانىڭ) «ئوسمانىيلار تارىخىدىكى پىكىر ۋە سىياسەت ئۆزگىرىشى»؛ 2009 ـ يىلى نەشىر قىلىنغان «19 ـ ۋە 20 ـ ئەسىرلەردىكى تۈركىيە ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق ھەرىكەتلىرى» قاتارلىق كىتابلار ئەنە شۇ تەرجىمە ئەسەرلەردىندۇر.
نۇرغۇن قېتىم دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشقان. ئۇنىڭ يەنە تۈرلۈك تېمىلاردا يازغان ماقالىلىرى ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرى بار.
دوتسېنت، در، مەريەم ھاكىم قىرىملى(ق)
(ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى)
مەريەم ھاكىم قىرىملى(ق): باكلاۋۇرلۇقنى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا؛ ئاسپرانتلىقنى ئامېرىكا ۋىسكونسىن ـ مەدىسون ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا؛ دوكتورلۇقنى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇدى ۋە «قازاق مىللەتچىلىكىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە مۇستەقىل قازاقىستان: رۇس ـ سوۋېت سىياسەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئىنكاسلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن دېسىرتاتسىيە ماقالىسىنى ياقلىدى. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ۋە چانكايا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق تىجارەت فاكۇلتېتىدا مۇئاۋىن دوتسېنت بولۇپ ئىشلىگەن مەريەم ھاكىم، ھازىرمۇ ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىدا مۇئاۋىن دوتسېنت بولۇپ ئىشلىمەكتە ۋە سىياسەت بىلىمى، خەلقئارالىق مۇناسىۋەت، مەدەنىيەتلەر تارىخى، (تۈركىيە) ئىنقىلاب تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازلار سىياسىتى، رۇسىيە سىياسىتى ۋە قازاق تىلى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتمەكتە. مەريەم ھاكىم قىرىملى(ق) دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرخىل ژۇرناللاردا نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يەنە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق يىغىلىشلاردا ماقالە ئوقۇغان ۋە لېكسىيە سۆزلىگەن. مەريەم ھاكىم قىرىملى(ق) ئىنگلىز تىلى، قازاق تىلى، قىرغىز تىلى، ئۆزبەك تىلى، تۈركمەن تىلى ۋە تاتار تىلىنى پىششىق بىلىدۇ.
پروف، در، ئالىمجان ئىنايەت
(ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئېنستىتۇتى لېكتورى)
ئالىمجان ئىنايەت: 1962 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان شەھىرى چاتقال يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1984 ـ يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1989 ـ يىلىغىچە بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىدا تەرجىمان ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1989 ـ يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ۋە 1992 ـ يىلى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئېنستىتۇتى تۈرك تىل ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تۈرك فولكلورى كەسپىدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن. 1995 ـ يىلى دوكتورلۇق تەھسىلىنى تاماملىغان. 1994 ـ يىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گراژدانلىقىغا ئۆتكەن. ئالىمجان ئىنايەت 2007 ـ يىلىدىن بۇيان ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئېنستىتۇتىدا پروففېسسور بولۇپ ئىشلىمەكتە، ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار.
سېيىت تۈمتۈرك تەرجىمىھالى
(دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى)
سېيىت تۈمتۈرك 1964 ـ يىلى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى 1949 ـ يىلى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتى ۋە زۇلۇم سەۋەبىدىن، 1961 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن ئافغانىستانغا كۆچۈپ كەتكەن. 1965 ـ يىلى ب د ت سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئالىي كومېتېتىنىڭ ۋاسىتىسى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مېنىستېرلار كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق 350 ئائىلىگە قوشۇلۇپ تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە قەيسەرى ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشقان. سېيىت تۈمتۈرك ئىلىم تەھسىلىنى قەيسەرىدە پۈتتۈرگەن. ئۇ 1989 ـ يىلى قەيسەرىدە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»، شۇنداقلا 1992 ـ يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى»نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولۇپ، 2002 ـ يىلى «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇندىن باشقا، 2002 ـ يىلى 18 دۆلەتتىكى 26 تەشكىلاتنىڭ بىرلىشىشىدىن قۇرۇلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگان ھېسابلىنىدىغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ تۈركىيەدىكى مەسئۇل ۋەكىلى بولۇپ تاللانغان. ئۇ يەنە 2005 ـ يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ قۇرغۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغاندىن سىرت، 2006 ـ يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلغان «تۈركىيە ـ فىنلاندىيە مەدەنىيەت ۋە دوستلۇق جەمئىيىتى»نىڭ باش قۇرغۇچىسى بولغان، 2006 ـ يىلى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. سېيىت تۈمتۈرك ھازىرمۇ دۆلەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلماقتا. ئۇنىڭ بەش پەرزەنتى بار.
سىراجىددىن ئەزىزى
سىراجىددىن ئەزىزى: 1965 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاندا دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغاندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب تىلى فاكۇلتېتىدە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىدە رىياسەتچى ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان ۋە 16 يىلدىن بېرى مۇشۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرماقتا. سىراجىددىن ئەزىزى ھەر تۈرلۈك كىتاب تەرجىمە قىلغاندىن سىرت، ئەرەب ژورناللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تەرجىمە ماقالىلار ئېلان قىلغان. سىراجىددىن ئەزىزى ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئوردۇچىنى پىششىق بىلىدۇ. سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ تۆت پەرزەنتى بار.
تسېتەن سامدۇپ چوئېكياپا
تسېتەن سامدۇپ چوئېكياپا: تىبەت روھانىي لېدىرى دالاي لامانىڭ شۋېتسارىيە ـ جەنۋەدىكى ۋەكىلى. ئۇنىڭ ئائىلىسى 1959 ـ يىلى تىبەتتىن قاچقان بولۇپ، ئۇ نېپالدىكى بىر تىبەت پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا تۇغۇلغان. 1991 ـ يىلى نيۇيوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژورنالىستلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1985 ـ يىلىدىن 2000 ـ يىلىغىچە، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى نامىدا دارامسالا، ھىندىستان ۋە لوندوندا خىزمەت قىلغان. 2000 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلىغىچە لوندوندىكى بىر تېلېفون شىركىتىدە سېتىش مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ نېپال، ھىندىستان، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشىغان. 2008 ـ يىلى مارت ئېيىدا، تىبەت روھانىي لېدىرى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
دوكتور ياڭ جيەنلى
(تەتقىقاتچى، يازغۇچى)
ياڭ جيەنلى: خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ۋە 20 يېشىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدىكى ئابرويى تېز ئۆسۈۋاتقان بىر پەيتتە، كوممۇنىست تۈزۈمدىكى قاتماللىقلارنى كۆرۈپ يېتىپ، بەكمۇ ئەپسۇسلانغان ۋە خىتايدىن ئايرىلىپ، ئامېرىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى برېكلېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېماتېكا مۇتەخەسسىسى بولۇشقا قارار بەرگەن. 1989 ـ يىلى، 26 ياش ۋاقتىدا، تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېمۇكراتىيە ئۈچۈن نامايىش قىلغان سەبداشلىرىغا ھەمنەپەس بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا باردى ۋە خىتاينىڭ نامايىشچىلارنى تانكىلار بىلەن قىلغان قەتلىئامىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۆزى قولغا چۈشۈپ قېلىشتىن مىڭ تەستە قۇتۇلۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەتكەن. شۇندىن ئېتىبارەن، ئامېرىكىدا دېمۇكراتىيە ساھەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا باشلىغان ۋە 2002 ـ يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورلۇق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. شۇ يىلى خىتاينىڭ شىمالىدا ئۇلغايغان ئىشچى ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن خىتايغا بارغان ۋە جاسۇسلۇق تۆھمىتى بىلەن بەش يىل تۈرمىدە ياتقان. 2007 ـ يىلى تۈرمىدىن ئازاد بولۇپ چىققان. ياڭ جيەنلىنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار.