خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن پەقەتلا ئۆكسىمەي داۋاملاشماقتا. ۋەھىمە ۋە تەشۋىش قاپلىغان بۇ جەمئىيەتتە پىكىر يۈرگۈزۈش، مۇستەقىللىقتىن سۆز ئېچىش دېگەنلىك، ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى تېلېفونلار مەخپىي تىڭشالماقتا، ئۆيلەر كۆزىتىلمەكتە، ئۇچۇر ـ ئالاقە چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. ۋىجدان ـ غۇرۇرىغا تايىنىپ ياشاش ئۈچۈن ئۆزى دۇچ كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان بالايىئاپەتكە تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا توغرا كەلمەكتە.
ئۇيغۇر خەلقى 21 ـ ئەسىرنىمۇ يەنە نۇرغۇن ئازاب ـ ئوقۇبەت بىلەن كۈتۈۋالدى. 11 ـ سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن “بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش” باھانىسى بىلەن مۇستەملىكە ئاستىدىكى بارلىق مىللەتلەرگە راۋا كۆرۈلگەن بېسىم ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئۇيغۇر خەلقىمۇ نېسىۋىسىنى ئالدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى “بىخەتەرلىك”نى ئاساس قىلغان زوراۋانلىق قىسمىقىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى كۈنسېرى ئاشۇرۇپ بارماقتا.
شەرقىي تۈركىستان ــ دۇنيادىكى يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، خەلقى ئاچ ـ زارلىقتىن ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر يۇرتنىڭ ئىسمىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراننىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارىغا تەڭ كېلىدىغان، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك قېزىلما بايلىقلىرى مول بولغان بۇ زېمىننى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆز نوپۇزىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ۋەتىنىدە كۈن كەچۈرەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. مىڭلارچە كلومېتر يىراقلىقتىن كەلتۈرۈلۈپ يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئاستا ـ ئاستا بۇ زېمىن بايلىقلىرىنىڭ يېگانە مىراسچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى.
ئۇيغۇرلار سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە ئارقا ـ ئارقىدىن مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن باشقا خەلقلەردەك، تۈركىستاننىڭ يۈرىكى، يىپەك يولىنىڭ مۇنبەت تۇپراقلىرى بولغان ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە تەشنا بولماقتا.
دۇنيا خەلقىنىڭ دىققەت نەزىرىنى تەخمىنەن ئىككى يېرىم ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مۇستەملىكە ئاستىدا دۇنيا يۈزىدىن يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان، ئەڭ ئاددىي ئىنسانىي ھەق ـ ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان، ئىنسانلار ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قېچىش ياكى كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان، تۆت تەرىپى مۇستەھكەم سېپىل بىلەن ئورالغان بىر زېمىنغا تارتىشنى كۆزلىگەن “شەرقىي تۈركىستان سۆھبەت يىغىنى” ــ رېئال سىياسەت (قورال كۈچىگە تايىنىپ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى) قايغۇلىرىغا قۇربان قىلىنغان بىر زېمىننىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش، مەسىلىگە ھەق ۋە ئادالەتنى ياقلايدىغان ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن ئاكادېمىك، مۇتەپەككۇر، ئىدېئولوگلارنى، ئاۋام خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشى ۋە ئورگانلارنى بىر يەرگە يىغىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
“شەرقىي تۈركىستان سۆھبەت يىغىنى” ــ خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى رېئال سىياسەت، ئاخبارات ئالدامچىلىقى ۋە قارىلاشلار سەۋەبىدىن دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇلمىغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش؛ يەرلىك خەلق تاكى ھازىرغىچە دۇچ كېلىۋاتقان ئادالەتسىز مۇئامىلىلەرنى تەپسىلىي دوكلات قىلىش؛ دۆلەتلىك ۋە ئاممىۋى، يەرلىك ۋە خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىغا داخىل قىلىش؛ ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىش؛ ھەق ۋە ئادالەت تەرەپدارى بولغان بارلىق ۋىجدانلىق كىشىلەرنى بۇ مەسىلىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىش قاتارلىق مەقسەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
“شەرقىي تۈركىستان سۆھبەت يىغىنى” ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ رول ئېلىشى، ھەل قىلىش يولىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىنىشىنى ئاساسىي نىشان قىلىدۇ. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشى ۋە ب د ت قارارلىرىنى رەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى، ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئادىل قارار ئېلىشىغا زور دەرىجىدە توسالغۇ ھاسىل قىلماقتا.
“شەرقىي تۈركىستان سۆھبەت يىغىنى” ــ دۇنيا رەھبەرلىرىنى، ب د ت، ياۋرۇپا بىرلىكى، دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنى ئېغىر بېسىم ئاستىدىكى بۇ زېمىنغا تەئەللۇق ھەق ـ ھوقۇقلانىڭ جىددى رەۋىشتە ئەسلىگە قايتۇرۇلۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئادالەتسىز ھاكىمىيەتنىڭ دەرھال يىقىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىدۇ.
“شەرقىي تۈركىستان سۆھبەت يىغىنى”نىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن تەقدىرداش بارلىق خەلقلەرنىڭ ھۆرلۈكىگە ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمىز ۋە ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان كەلگۈسى كۈنلىرىمىزدە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئائىلىسى سۈپىتىدە بىرگە ياشاشنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.