ھۆر شەرقىي تۈركىستان سۆھبەت يىغىنى

خۇلاسە دوكلاتى

  «ئىستانبۇل تېنچلىق مۇنبىرى» تەرىپىدىن 2010 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 20/21 ـ كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ھۆر شەرقىي تۈركىستان سۆھبەت يىغىنى»نىڭ خۇلاسە دوكلاتى تۆۋەندىكىچە: 

  بىرىنچى، خۇلاسە:

  1. شەرقىي تۈركىستان 61 يىلدىن بېرى ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرماقتا.

  2. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئورنى، مول تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىسادىي كۈچى (پوتېنسىئالى) قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 19 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ زېمىندا ئۆز نوپۇزىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. 1949 ـ يىلى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان، 1955 ـ يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ جاكارلاندى. “ئاپتونومىيە” دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئاپتونومىيىلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرى يەنىلا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنماقتا. 2009 ـ يىل 5 ـ ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن دۇنيا كۈنتەرتىپىگە يەنە بىر قېتىم كەلگەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايى قىلمىشلار ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

  3. خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي بېسىملار خەلقئارالىق ئۇچۇر ـ ئالاقىغا، ئىنسانىي ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ بېرىشىغا ۋە ھەق ـ ھوقۇق يولسىزلىقلىرىنىڭ ئۆز ئورنىدا تەكشۈرۈپ كۆزىتىلىشىگە توسالغۇلۇق قىلماقتا.

  4. خىتاينىڭ بېسىم ۋە يولسىزلىقلىرى پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، خىتاي خەلقىنىمۇ، شۇنداقلا باشقا ئىرق ۋە دىنغا مەنسۇپ كىشىلەرنىمۇ ناھەقچىلىققا دۇچار قىلماقتا.

  5. خىتاينىڭ بېسىم رېجىمى پەقەت دۆلەت ئىچى تېنچلىقىغىلا ئەمەس، بەلكى ئەتراپتىكى رايون ۋە دۇنيا تېنچلىقىغىمۇ تەھدىت تەشكىل قىلىدىغان نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

  6. ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە چەكلىمىلەرگە بىپەرۋالىق قىلماقتا.

  7. ب د ت خىتاينىڭ بىخەتەرلىك كومىتېتىغا ئەزا بولۇشى سەۋەبىدىن؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن خىتايغا بېسىم قىلالمايۋاتىدۇ.

  8. 11 ـ سېنتەبىر “تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش” دولقۇنىنى باھانە قىلىۋېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھەق ـ ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە ماددىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

  1) ھايات ھەققىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى: ئۆز مەيلىچە قولغا ئېلىش، قاماش، قىيىن ـ قىستاققا ئېلىش، سوتسىز ئىجرائات، ئۆلۈم جازاسى، تۇغۇت چەكلىمىسى سىياسىتى ۋە ئاتوم بومبىسى سىنىقى؛

  2) ئىرقىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىق؛

  3) ئانا تىل ئىشلىتىشنىڭ چەكلىنىشى، ئانا تىلدا تەلىم ـ تەربىيەنىڭ مەنئى قىلىنىشى؛

  4) پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى، مەلۇمات ئىگەللەش، ئۇچۇر ـ ئالاقە ۋە خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇلۇشى؛

  5) دىنىي تەلىمنىڭ مەنئى قىلىنىشى، ئىبادەت ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى؛

  6) ئاياللارغا قارىتىلغان يولسىزلىقلار: تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى، مەجبۇرىي ئوپىراتسىيە، ياش قىزلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشچىلىققا زورلىنىشى؛

  7) ھاشارغا مەجبۇرلاش؛

  8) كەمبەغەللەشتۈرۈش؛

  9) بايلىق مەنبەلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە بېرىلمەسلىكى؛

  10) تەلىم ـ تەربىيە ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى؛

  11) مەجبۇرىي كۆچۈرۈش (سۈرگۈن قىلىش)؛

  12) ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى؛ 

  ئىككىنچى، تەكلىپ ـ پىكىرلەر:

  1. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىدۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرگە ئېچىۋېتىشى كېرەك.

  2. خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى؛ شەرقىي تۈركىستاندا نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆچمە نوپۇسنى توختىتىشى كېرەك. ئاسىمىلاتسىيە ۋە ئاققۇن نوپۇس سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا دەرھال نوپۇس ستاتىستېكىسى ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.

  3. «شىنجاڭ» ئىسمىنىڭ “قانۇنسىز ئاتالغۇ” ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنىشى لازىم.

  4. . خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىقنى دەرھال توختىتىشى لازىم.

  5. بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى ۋە تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك.

  6. ب د ت بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتاينىڭ رەت قىلىش سالاھىيىتى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ياقلايدىغان پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك.

  7. ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە باشقا ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارا جازا مەھكىمىسى ياكى مەھكىمە ئورگانلىرىدا سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىشى؛ خەلقئارا جازا مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.

  8. ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ياۋرۇپا ياكى ئافرىقىدا؛ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە، يەنى دۇنيانىڭ نەرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاممىۋىي ياكى دۆلەتلىك ئورگانلار، پارلامېنتلار، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، خەلقئارالىق سوت مەھكىمىلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاي زۇلمىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم.

  9. ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى دەرھال يىغىلىپ، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتايغا قارشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىشى ئۈچۈن قارار ئېلىشى لازىم.

  10. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا تارىخىي، مەدەنىي ۋە دىنىي باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت بار. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان سىياسەت بەلگىلىشى كېرەك.

  11. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلمى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايدىسىغا ئۆرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى لازىم. ئۇندىن باشقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر، ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشى لازىم.

  12. خىتاي ھاكىمىيىتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بازىرىغا موھتاج. شۇڭا ئىسلام دۇنياسى بۇ كۈچىنى خىتايغا قارشى قوللىنىشى كېرەك.

  13. مەيلى خىتاي ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەر ـ يېزىلارغا ئىنسانىي ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن بارلىق توسالغۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە خەلقئارالىق مىخانىزمىلار ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم.

  14. خىتاي ئىسلاھات ۋە كىشىلىك ھەق ـ ھوقۇقلارغا كاپالەتلىك قىلىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا مىللىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىقنى، ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى، تەلىم ـ تەربىيە ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىگە قويۇلغان توسالغۇلارنى، ۋەخپە، تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيە قۇرۇش چەكلىمىلىرىنى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ساياھەت ۋە خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى، سۈرگۈن، مەجبۇرىي ئوپىراتسىيە ۋە تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى يولسىزلىقلارنى دەرھال توختىتىشى لازىم.

  15. شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كونسۇلخانىلىرى، ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشخانىلىرى، ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ شۆبىلىرى ئېچىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

  16. شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىرلىك ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە كۈچ چىقىرىش؛ شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنى قوللىغان، ياردەم قولىنى سۇنغان كىشى ياكى تەشكىلاتلارنى تەربىيىلەش ۋە يېتىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار مەقسەت ۋە نىشانلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئوچۇق بايان قىلىشى، مەقسەت ۋە نىشاندىكى ئوخشىماسلىقلار ئىختىلاپ دەپ قارالماسلىقى كېرەك.

  17. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇنيا خاراكتېرلىك ئاممىۋىي مۇجادىلە مۇنبىرى قۇرۇلۇشى لازىم.

  18. دۇنيادىكى ئاياللار ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان دەپسەندىچلىكلەر ھەققىدە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشى لازىم.

  19. دۇنيا جامائەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگەللىيەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخبارات قاناللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەردائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇش؛ مۇستەقىل خەۋەر ئاگېنتلىقى قۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگەللىنىشى لازىم. بارلىق ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇم پاش قىلىنىشى؛ بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىگەللەنگەن مەلۇماتلار دەرھال خەلقئارا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈلۈشى لازىم. ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك ۋەخپە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشىغا كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە جەلپ قىلىش ۋە ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ئىمكانىيىتى بار. بۇ تېمىدا كۆرگەزمە قىلىش ۋە قىسقا فىلىملار ئىشلەش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ.

  20. شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ، كەسپىي خادىملىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن بەزىدە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن يېتىشىپ چىققان زىيالىي كىشىلەرنىڭ سانى ئاشۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ھەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىلىم ئىگەللىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىلىشى كېرەك.

  21. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى نارازى بولسىمۇ، بىتەرەپ تەپتىش ھەيئىتى قۇرۇلۇشى ۋە بۇ ھەيئەت شەرقىي تۈركىستاننى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى لازىم.

  22. خىتايدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا، مەيلى قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىسلام قېرىنداشلىقى ئورنىتىلىشى كېرەك.

  23. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي، سىياسىي ۋە فىقھىي سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان بىر كومىتېت قۇرۇلۇشى لازىم.

  24. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا خىتاي خەلقى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. شۇڭا خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋەزىپىسى بەكمۇ ئېغىر. بېسىم ۋە تەھدىت سىياسىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، تەشكىللىنىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن قەتئىي نىيەتلىك ۋە زور بېسىم كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ جەھەتتە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئاممىۋىي تەشكىلات، ئەلۋەتتە، خىتاي دۆلىتىدىكى ھەق ۋە ئادالەت تەرەپدارى، ئەركىنلىكنى قوللىغۇچى خىتاي ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدۇر.

  25. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان كۈن ياكى ۋاقىتلاردا خەلق ئاممىسىغا قارىتا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.

  26. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا خەلقئارا ھوقۇق ساھەسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ ساھەدە ئىختىساسلاشقان ھوقۇقشۇناسلاردىن تەشكىللەنگەن «خەلقئارالىق ھوقۇق مۇنبىرى» قۇرۇلۇشى كېرەك.

  27. شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشكە مەجبۇرلانغان پاناھلانغۇچى، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ۋە كۆچمەن سالاھىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ھەر تۈرلۈك ھەق ۋە ئىنسانىي ھايات شەرت ـ شارائىتلىرىنىڭ تەمىنلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك. ھېچبىر دۆلەت ياشاش ھەققى كاپالىتى بولمىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتاي دۆلىتىگە قايتۇرۇۋەتمەسلىكى لازىم.

  28. شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىي، يازغۇچى، رەھبەر ياكى باشقا مۇھىم شەخسلەر قوللاپ قۇۋۋەتلىنىشى؛ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ياكى قويۇپ بېرىلگەن مۇشۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە شەرقىي تۈركىستانلىق كىشىلەرنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تونۇتۇۋېتىش لازىم.

  29. شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان ئالاقىلىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا ئاسان ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى كۈچەپ قوغداش كېرەك.

  30. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ماددىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  31. خىتاي بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىك سەپ قۇرۇشنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدەش كېرەك.